بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار مۇلاھىزە، پىكىر يۈرگۈزۈش پائالىيىتى. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئەڭ دەسلەپكى ئىجادىي غەرەز، ئىجادىيەت كۆرۈنۈشلىرىنى پىشۇرۇش، تېما تاللاش ۋە تاۋلاش، باش تېما ئىدىيىسىنى بېكىتىش، پېرسوناژلار پائالىيىتى ۋە سۇژېت تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىپادىلەش شەكلىنى ئىزدەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى، ئەڭ ئاۋۋال دەسلەپكى ھالەتتە تۇرغان تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش جەريانىدۇر. يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئارزۇسىغا ئاساسەن تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى ماھىيەتلىك بولمىغان، تاسادىپ ھادىسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى جەۋھەرلىك قىسىملارنى ئېلىپ قالىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئەسەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى، ۋەقەلىكلەرنىڭ چېتىشىشلىق بۆلەكلىرىنى، سۇژېت راۋاجىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى، پېرسوناژلارنىڭ تەقسىماتىنى ھەمدە زىددىيەت مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلار ئاپتوردا پەيدا بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئەسەر تۆرەلمىسىدۇر. ھالبۇكى، بۇ يەنىلا بېكىتىلمىگەن ھالەتتە بولۇپ، ئاپتورنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قايتا - قايتا تاللىشى، تاۋلىشى، پىشۇرۇشى، بېيىتىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئارقىلىق، پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتى پەيدىنپەي روشەنلىككە، مۇكەممەللىككە ئېرىشىدۇ. ۋەقەلىك لىنىيىلىرىمۇ پەيدىنپەي ئوچۇقلىشىپ، روشەنلىشىپ بارىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ روشەن باش تېما بېكىتىلىدۇ، ئەسەرمۇ پەيدىنپەي مۇقىم شەكىلگە كىرىدۇ. تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئەتراپلىق، كەڭ، چوڭقۇر بولمىسا، پىكىر يۈرگۈزگەن بىلەنمۇ ماتېرىيال بولمىغانلىقتىن ھېچنېمىنى قۇراشتۇرغىى بولمايدۇ. مۇل تۇرمۇش ماتېرىياللىرىغا ۋە كۈچلۈك ئىجادىيەت ئىلھامغا ئىگە بولغاندىمۇ يەنە ئەستايىدىل بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدىلا ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە ئەسەر ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ.