تەقرىز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بىرى تۈرى بولۇپ، بەدىئىي ئەسەر، كىنو - تىياتىر ۋە باشقىلار ئۈستىدە يېزىلغان، ئۇلارنى تەھلىل قىلغان، باھا بەرگەن كىچىك ئەدەبىي تەنقىدىي ئەسەر.
تەقرىز ئادەتتە ھازىر جاۋابلىق بىلەن مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلىدۇ، تەقرىزچى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، مۇلاھىزە قىلىدۇ، بۇ ھال ئاپتورغا، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ياۋروپا ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا تەقرىزنى <رېتسېنزىيە> دەپ ئاتايدۇ.