بەدىئىيلىك
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كەڭ مەنىدە: سەنئەتنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەت سەنئەتنى، ھاياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە بىلىشنىڭ باشقا (مەسىلەن: ئىلمىي) فورمىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنى بەدىئىي يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈش، ۋەقەلىكنى ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ، بەدىلىيلىكنىڭ ئاساسىدۇر، شۇ مەنىدە بەدىئىيلىك ئوبرازچانلىق چۈشەنچىسىگە ماس كېلىدۇ.
تار مەنىدە: <بەدىئىيلىك> سۆزى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئىجتىمائىي - ئېستېتىك ئەھمىيىتىنى بەلگىلىگۈچى دەرىجىسىگە نىسبەتەن قوللىنىلىدۇ. بەدىئىيلىك ئەسەردە تۇرمۇشنىڭ ھەققانىي ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى، خاراكتېرلەرنىڭ تىپىكىلىكى، سەنئەتكار چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئىجتىمائىي غايىنىڭ مۇھىملىقى، ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى، خەلقچىللىقى، يازۇچىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن بىرلىكىگە ئېرىشىشىدىكى ماھارىتى، ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيىۋى تەسىرنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈمدارلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.