ئاقىلانىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
1823 - يىلى موسكۋادا قۇرۇلغان ئاقسۆڭەك ياشلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە تەشكىلاتى. ئۇ دويېۋسكى، ۋېنېۋىتنوۋ، كوشېلېۋ، ئاكا - ئۇكا كىرېېۋسكى، شېۋىرېۋ، پوگودىن، دېكابرست كيۇخېلبېكېر قاتارلىقلار قاتناشقان. ئاقىلانىلەر جەمئىيىتى 1824 - يىلىدىن 1825 - يىلىغىچە <مىېموزىنا> دېگەن ئەدەبىيات - پەلسەپە مەجمۇئەسى نەشر قىلىپ روسىيە ماتېرىيالىزملىق پەلسەپىسىگە قارشى تۇرغان، ئىدىيە جەھەتتىن دېكابرستلار بىلەن قارشى مەيداندا تۇرۇپ يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى ئىدىيىنىڭ ۋە ماتېرىيالىزملىق پەلسەپىنىڭ روسىيىدىكى تەرەققياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇلار ھېچقانچە نەتىجە چىقىرالمىغانلىقتىن 1825 - يىلى تارقىلىپ كەتتى. مەجمۇئەسىمۇ نەشىردىن توختىدى.
<ئاقىلانىلەر> تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى كېيىنچە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تەرغىباتچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى.