UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىياتنىڭ سىياسيۋىلىكى

ئەدەبىياتنىڭ سىياسيۋىلىكى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سىياسىي خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، يازغۇچىنىڭ سىياسىي مەيدانى، سىياسىي كۆز قارىشى ۋە سىياسىي پوزىتسىيىسىنىڭ ئەدەبىي ئەسەردىكى ئىپادىلىنىشى. سىنىپىي جەمئىيەتتە، يازغۇچى مۇئەييەن بىر سىنىپنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۆز سىنىپىنىڭ كۆز قاراشلىرى بويىچە تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز سىنىپىنىڭ قىياپىتى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئەسەرنى مۇئەييەن سىياسىي خاھىشقا ئىگە قىلىدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ سياسىيۋىلىكى، ئاساسەن يېڭى پېرسوناژلارنى، يېڭى دۇنيانى تەسۋىرلەش ۋە مەدھىيلەشتە، چىرىگەن ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى پاش قىلىش ۋە زەربە بېرىشتە، پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى ۋە ئېستېتىك غايىسىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى كوممۇنىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇرژۇئازىيە ۋە بارلىق ئېكىسپىلاتاتۇر سىنىپلار كۈچىنىڭ بارىچە <ساپ سەنئەت> قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سىياسىي خاھىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش <ساپ سەنئەت> كۆز قارشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەكسيەتچىل سىياسىي خاھىشىنى نىقابلايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، شۇنى ئىقرار قىلىش كېرەككى، بەزى ئەسەرلەردە روشەن سىياسىي خاھىش بولمايدۇ، ئۇنداق ئەسەرلەردىن ئوخشىمىغان سىنىپلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە زوقلىنىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: بەزى تەبىئەت مەنزىرىلىرى ئىپادىلەنگەن شېئىر، نەسىر قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىياتنىڭ سىياسيۋىلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki