ئاننوتاتسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(لاتىنچە <قەيت> سۆزىدىن)
كىتاب مەزمۇنىنى ئېچىپ بېرىدىغان قىسقا قەيت (تەكىتلەش). مۇنداق قەيىتلەر سپىراۋۇچنىك (بىرەر ئىش ياكى ئادەم، نەرسە توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغان ھۆججەت) ياكى كاتالوگلاردا بېسىلىدۇ، ئۇلاردا كىتاب ھەققىدە ئىلمىي - تەنقىدىي پىكىر بايان قىلىنىدۇ، ئاننوتاتسىيە كىتاب ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، كىتابخاننى ئەسەر بىلەن تونۇشۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.