UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتلىرىك ئەدەبىيات

لىرىك ئەدەبىيات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىياتنىڭ بىر چوڭ تۈرى. ئۇ، ئاپتورنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرىنى بىۋاستە ئىپادىلەش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەجىمى ئادەتتە قىسقىراق بولىدۇ، مۇكەممەل پېرسوناژ ئوبرازى ۋە سۇژېت قۇرۇلمىسى بولمايدۇ، ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بەزى لىرىك ئەسەرلەر تۇرمۇش ھادىسلىرىنى ۋە تەربىئىي مەنزىرىلەرنى يازسىمۇ، ئادەم ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى يازسىمۇ، يەنىلا ئىدىيۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. خۇددى بېلىنىسكى ئېيتقاندەك: <ساپ لىرىكىلىق ئەسەرلەر، قارىماققا گويا بىر سۈرەتكە ئوخشايدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى، ئەمەلىيەتتە سۈرەتتە بولماستىن، بەلكى ئاشۇ سۈرەت بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەيدا قىلىدىغان ھېسسىياتتا بولىدۇ. لىرىڭ ئىپادىلەيدىغان ئىدىيىۋى ھېسسىيات ھەمشە دېگۈدەك ئاساسىي قەھرىماننىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە جەملىۋالىدۇ. مۇنەۋۋەر لىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتكەن ئىدىيىۋى ھېسسىيات ھامان ناھايىتى زور ئومۇمىيلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئاساسىي قەھرىماننىڭ ئاغزىدىن ئاپتور ھېسسىياتنى ۋە خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. لىرىك ئەدەبىيات ئىچىگە بىر قىسىم نەسر ژانىرى كىرگەندىن باشقا، قالغانلىرى ئاساسەن شېئىرىيەت، بولۇپمۇ لىرىك شېئىرلار كىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات