UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئاممىبابلاشتۇرۇش

ئاممىبابلاشتۇرۇش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى پرولېتارىيات ئىنقىلابىي دەۋرىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە قارتىلغان تەلىپى. شۇنداقلا پرولېتارىيات ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشىدىكى بىر مۇھىم بەلگە. جۇڭگونىڭ 30 - يىللار دەۋرىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئاممىبابلاشتۇرۇش مەسىىسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىدە لۇشۇن مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: <ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئويلايدىغان يازغۇچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېنىق، ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ھەممەيلەننى چۈشىنەلەيدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان قىلىش، بەزى كونىرىغان، كېرەككە كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى سىقىپ چىقىرىش لازىم> (<ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاممىبابلىشىشى>). بۇنىڭدىن چۈشىنىش مۇنكىنكى، ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئاممىبابلاشتۇرۇشتا يازغۇچىلارنىڭ <ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئويلىشى> نى تەلەپ قىلىشقا، ئەسەرلەرنىڭ خەق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىدىيە، ھېسسىيات ۋە ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىشى، مىللىي خىسلەت ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇشىنى، <ھەممەيلەننى چۈشىنەلەيدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان> قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە كەڭ تارقىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاممىبابلاشتۇرۇش يەنە <ئاممىۋىلاشتۇرۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات