لىرىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە Iyra
قەدىمكى گرېكلاردا راۋاپقا ئوخشاش مۇزىكا ئەسۋابى بولۇپ، ئۇلار شۇ ئەسۋابنى چېلىپ شېئىر - قوشاق ئېيتىشقان؛ ئەنە شۇنداق شېئىر - قوشاقلار لىرىكا دېيىلىگەن. بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئېپوس، لىرىكا، دراما دەپ ئاتالغان ئۈچ ئاساسىي تۈرىدىن بىرى.
لىرىكا بىرەر ۋەقە، ھادىسە تەسىرىدىن ئىنساندا تۇغۇلغان روھىي ھالەتنى، پىكىر ۋە تۇيغۇلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ ئەنە شۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئېپوس ھەم درامىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لىرىكا يازغۇچى - شائىرلارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى كۈزىتىش جەريانىدا ئۇرغۇپ چىققان ئىدىيىۋى ھېسىياتىنى ئىزھار قىلىشتىكى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى. ئۇ لىرىك شېئىر ياكى نەسرى ئەسەرلەردە گەۋدىلىكرەك بولىدۇ.