UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتېز يازما

تېز يازما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ ئەسلى رەسىم سىزىشتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ <تېز سىزما> دەپمۇ ئاتىلاتتى. رەسسام ئۆزى ئۇچراتقان شەيئىلەردىن تەسىرلەنگەندە ۋە ئىجادىيەت ئىلھامى قوزغالغاندا ئىگەللىگەن خام ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن، بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبراز يارىتىشتىن ئىلگىرى ناتۇرا (ئاتالغۇنىڭ ئىزاھىغا قاراڭ) سۈپىتىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەسىراتىنى ئاددىي، ئىخچام خاتىرىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى <تېز يازما> ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يېزىلغان ئەسەر ھەمىشە دېگۈدەك تۇرمۇشنىڭ ئايرىم پارچىلىرى، مەلۇم كۆرۈنۈش ۋە مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىتابخانىلارغا تېز، چوڭقۇر تەسىر بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات