ئېپىك ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىياتنىڭ بىر چوڭ تۈرى. ئۇ، ئاپتورنىڭ بايانچى سۈپىتى بىلەن سىرتقى شەيئىلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئېپىك ئەدەبىيات سىرتقى شەيئىلەرنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىدۇ، تەسۋىر ئوبيېكتىنىڭ ئوبيېكتىپلىقلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ لىرىك ئەدەبىياتتىكىدەك ئاپتورنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلىشنى ئاساس قىلمىسىمۇ، سىرتقى شەيئىلەرنى تەسۋىرلەشتە يەنىلا ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ.
ئېپىك ئەدەبىيات ئاساسەن بايانچى تىلى بىلەن شەيئىلەرنى تەسۋىرلە" ئوبراز يارىتىدۇ ھەمدە پېرسوناژلار تىلى بىلەن خاراكتېر سۈرەتلەيدۇ. ئېپىك ئەدەبىيات ئاساسەن سىرتقى شەيئىلەرنى تەسۋىرلىگەنلىكتىن ۋە پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەت تەسۋىرى ئارقىلىق پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەنلىكتىن، پېرسوناژ، سۇژېت ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ قايسى بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، پېرسوناژ بىلەن سۇژېت ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېپىك ئەدەبىياتتا بايانچىنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، بايانچىنىڭ ئەسەردىكى ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بايانچىنىڭ تىلى <بىرىنچى شەخس بايانى> ۋە <ئۈچىنچى شەخس بايانى> دەپ ئايرىلىدۇ.
ئېپىك ئەدەبىياتنىڭ تەسۋىر ئوبيېكتى كەڭ، ژانىرى كۆپ بولۇپ، ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، مەسەل، نەسرى شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومان، ئەسلىمە، ئەدەبىي ئاخبارات، ساياھەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېپىك تۈرگە كىرىدۇ.