مەزمۇن بىلەن شەكىل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەمۇنى شۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بەدىئىي ئەسەرنىڭ تېمىسىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچى تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىنى مەلۇم نۇقتىئىنەزەردىن چۈشىنىدۇ ۋە شۇ نۇقتىئىنەزەر ئاساسىدا تەسۋىرلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ ۋەقەلىكلەرگە بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنى تەسۋىرلەشتىكى نۇقتىئىنەزىرى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ غايىسىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلىگۈچى غايە يازغۇچى تەرىپىدىن تەسۋىرلەنگەن ھايات مەنزىرىلىرى، پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى، ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ۋە خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسەر سۇژېتىنى تەشكىل قىلغان ۋەقەلىكلەر مەركىزىدە كىشىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىدۇ. بۇ ئوبراز ئەتراپىدا تەسۋىرلەنگەن مۇھىت ۋە خاراكتېرلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئەدەبىي ئەسەر مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇژېت ۋەقەلىرى، ئەسەر كومپوزىتسىيىسى ئۇنىڭ تىلىنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىككى تەرىپىدۇر. «شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بىر ئەسەرنىڭ شەكلى شۇ ئەسەر مەزمۇنىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان مېتوددۇر، يەنى بىر ئەسەردىكى مەزمۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ئوبرازدۇر. كونكرېت ئەسەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسەر قەھرىمانلىرى، سۇژېتى ۋە باشقىلار شۇ ئەسەرنى تەشكىل قىلغان ئوبرازلارنىڭ تەشكىلىي ئاساسىدۇر».
ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى مەزمۇن بىلەن شەكىل مەسىلىسى ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.