UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترۇبائىي

رۇبائىي

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (باغى. كۆپلۈكى «رباغيات» تۆتلۈك سۆزىدىن) شەرق شېئىرىيىتىدە كەڭ تارقالغان ۋە مەلۇم بەدىئىي ئەنئەنىگە ئىگە بولغان شېئىرى ژانىر. رۇبائىي كىچىك شېئىرىي شەكىل سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس ۋە مۇقىم قانۇنىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ پەقەت تۆت مىسرادىنلا تەركىب تاپسىمۇ، چوڭقۇر غايىۋى مەزمۇننى، يەنە بىر پۈتۈن پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى مۇكەممەل بەدىئىي تۈستە ئىپادىلىيەلەيدۇ. دېمەك، ھەربىر رۇبائىي ئۆز تېمىسى ۋە غايىسىگە ئىگە بولغان ئالاھىدە ۋە مۇكەممەل ئەسەردۇر. رۇبائىينىڭ ئۆزىگە خاس قاپىيە تەرتىپى بولىدۇ: ئادەتتە رۇبائىيدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى مىسرالىرى ئوخشاش قاپىيە بىلەنمۇ كېلىدۇ. كلاسسىك ئەدەبىياتىدا، رۇبائىي ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ (11 - ئەسىر) ۋە ئۆمەر ھەييام (12 - ئەسىر) قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغانىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە ناۋايى بۇ ژانىرغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۈزلىگەن رۇبائىيلىرىنى بىزگە يادىكار قاكدۇردى. مەسىلەن: غۇربەتتە غېرىپ شادىمان بولماس ئىمىش، ئەل ئاڭا شەپىقۇ مېھرىبان بولماس ئىمىش. ئالتۇن قەپەز ئىچرەگەر قىزىل گۈل بۈتسە، بۇلبۇلغا تىكەندەك ئاشيان بولماس ئىمىش. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇ ژانىر ئاشۇ ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. دۇنياغا كېلىشتىن نېمىدۇر مەقسەت؟ يوقنى بار قىلىشتۇر، ئىجاد ۋە مېھنەت. كەلگۈسى ئەۋلادقا بىر ئىزىڭ قالسۇن، تەييارنى تۈگىتىپ ئۆتسەڭ بەكمۇ سەت. (ر. جارى) كىشىنىڭ خۇلقى - مەيلىدە تەپەككۇر سايىسى باردۇر، ئۈمىد تۇتقان كىشى ھەر خىل، ئۇنىڭ ئۆز غايىسى باردۇر. مەگەر تەن ۋەجىنى مىزانغا سالساڭ، پەرقى ئاز، ئەمما، قەلىبلەر پەرقى يەر - ئاسمان، ئۇنىڭ نە چارىسى باردۇر. (ئابدۇرشۇكۇر مەمتىمىن)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات