UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتقىياس ھېكايىلىرى

قىياس ھېكايىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى قىياسەن ھۆكۈم قىلىپ دېلو ئېنىقلاش تېمىسىدىكى ھېكايىلەر. رازۋېتكا ھېكايىلىرىنىڭ بىر تۈرى. بۇنداق ھېكايىلەردە لوگىكىلىق قىياس بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ دېلو رازۋېت قىلىنىدۇ ۋە ئېنىقلىنىدۇ. بۇ خىل ھېكايىلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 _، 30 _ يىللىرىدا ياۋروپا، ئامېرىكىدا كەڭ تەرەققىي قىلغان، 60 _، 70 _ يىللاردا ياپونىيىدە تاقىلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. « قىياس ھېكايىلىرى » دېگەن ئاتالغۇمۇ ياپونىيىدە دەسلەپ قوللىنىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئومۇمەن رازۋېتكا ھېكايىلىرىغا ئوخشايدۇ، لېكىن پەرقى شۇ يەردىكى، بۇ ھېكايىلەردە ئىلمىي، لوگىكىلىق قىياس قىلشقا ئېتىبار بېرىلىپ، قىياسىي ھۆكۈم بىلەن سىرلىق، چۈشىنىكىسىزدەك كۆرۈنىدىغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ دېلو ئەھۋالى ۋە دېلونى پاش قىلىش جەريانى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ياخشى يېزىلغان قىياس ھېكايىلىرى سۇژېتلىرىنىڭ مۇرەككەپ، ئاجايىپ، چىگىش بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەن چوڭقۇر، نازۇك تەھلىل ۋە توغرا، ئەقىلگە مۇۋاپىق ھۆكۈملىرى ئارقىلىق كىشلەرنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ كىتابخانلارغا بەدىئىي زوق بېرىشتىن تاشقىرى، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىنمۇ قوزغىتىش بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا، بۇ خىل ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما، قىياس ھېكايىلىرى ھەمىشە دېگۈدەك شەخسىي باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق تارىخىي كۆز قارىشى، مىستىتىزمنى تەرغىپ قىلىدۇ. شەھۋانىيلىقنى تەسۋىرلەپ، تېررورلۇق كۆرۈنۈشلەرنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىدۇ. بۇلار كىتابخانلارنى زەھەرلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
قىياس ھېكايىلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki