UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتچىنلىقچىلىق

چىنلىقچىلىق

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيىدە تارقالغان ئەدەبىي ئېقىم. بۇ ئېقىم تەنقىدىي رېئالىزم كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ بولۇپ فرانسىيە تەبىئىيلىكچىلىكى (ناتۇرالىزمى) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. چىنلىقچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى جەمئىيەتنىڭ قارڭغۇ تەرەپلىرىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەش ۋە قاتتىق تەنقىد قىلىش، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنى ئەسەر قەھرىمانى قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئېقىم شۇ ۋاقىتتىكى ئىتالىيە جەمئىيىتىگە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئەدەبىي خاھىشىنى ئىپادىلىگەنىدى. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيە جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن چىنلىقچىلىق تۈگەپ كەتتى. ئەمما، چىنلىقچىلىق ئىجادىيەت ئىدىيىسى ۋە بەدىئىي ئۇسۇلى كېيىنكى يېڭى رېئالىزمچىلار ئەدەبىياتى ۋە كىنوچىلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات