بىۋاستە سېزىم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىدىيالىستلار بىۋاستە سېزىمنى ئىچكى بىۋاستە كۆزىتىشتىكى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدار ۋە ئىلھام دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئاشۇ خىل ئىلھامدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھالدا لوگىكىلىق پائالىيەتلەرسىزمۇ ھەقىقەتنى بىلەلەيدۇ دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بېرىپ - بېرىپ، ئاڭ بىلەن بەزى مەسلىلەرنى <ئۇشتۇمتۇت> لا ھەل قىلىۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بىۋاستە سېزىم كۆز قارىشى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھۇرۇنلۇقىنى، رېئال تۇرمۇشقا چۆكمەسلىكنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى قىياسەن بىر تەەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.