تىپىك خاراكتېر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن بەلگىلىك دەۋر، بەلگىلىك سىنىپ ئادەملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى.
ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن. پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز - خۇلقى، ئىدىيىۋى پەزىلىتى، غايە - ئارزۇسى، ھەرىكەت قىياپىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى، گەپ - سۆزى، كىيىنىش ئادىتى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
خاراكتېر ناھايىتى مۇستەقىل ۋە بەكمۇ <خۇسۇسىي> نەرسىدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا شۇ كىشى ياشىغان دەۋر، شۇ ئادەم تەۋە سىنىپ، مىللەت، شۇنداقلا شۇ ئادەم قاتناشقان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان سىنىپنىڭ ئادەملىرىدە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بىر سىنىپنىڭ ئادەملىرىدىمۇ، تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنىڭ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.