ژۇرنال
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پەن ۋە مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى، خەۋەرلىرىنى، تەرجىمىلىرىنى ۋە باشقا ئەدەبىي تۈس ئالغان يازما ھۈججەتلەرنى ئېلان قىلىپ تارقىتىدىغان نەشىر بۇيۇمى.
ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىنى دېگۈدەك ئېلان قىلىپ تارقىتىدۇ. مەسىلەن: «تارىم» ژۇرنىلى قاتارلىقلار. بەزى ژۇرناللار مەخسۇسلاشقان بولۇپ، مەلۇم ساھە، بىرلا ژانىر ئىجادىيىتىنى ۋە تەتقىقاتىنى ئېلان قىلىدۇ. مەسىلەن: «كۆۋرۈك» (تەرجىمە ئەدەبىياتى ژۇرنىلى) «شېئىرلار» ، «ھېكايىلەر» دېگەندەك.