UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئوۋ قوشاقلىرى

ئوۋ قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىر تۈرى. ئوۋ قوشاقلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە دۇنيا قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن: يىگىتلەرىگ ئىشلەتو، يىغاچ يىمىش ئىرغاتو . قۇلان كىيىك ئاۋلاتو، بازرام قىلىپ ئاۋانالىم. يەشمىسى: يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ، مېۋە دەرەخلىرىنى ئىرغىتىپ، قۇلان - كېيىكلەرنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات