UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئابستراكت تەپەككۇر

ئابستراكت تەپەككۇر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ لوگىك (مەنتىق) تەپەككۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، كىشىلەرنىڭ بىلىش جەريانىدا ئۇقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي خۇلاسە ياردىمىدە رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ مەۋھۇملۇقنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىلىپ شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازىدىن چەتنەيدۇ. ئىلمىي ئابستراكت ئۇقۇم ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، بىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى بايان قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات