ئۈچىنچى شەخس بايانى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەردە (بولۇپمۇ ئېپىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە) بۇ خىل بايان ئۇسۇلى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا، ئاپتور ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژ سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۈچىنچى شەخس بايان ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ كەڭ، مول قىلىپ يازغىلى بولىدۇ. بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋەقەلىكلەر ۋە بىر مۇنچە پېرسوناژلارنى، ئۇلارنىڭ ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىرىنى بىمالال تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.