مۇسەددەس
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە مسدس - ئالتىلىك سۆزىدىن
ھەربىر كولېتى ئالتە مىسرادىن تەركىب تاپقان كلاسسىك شېئىر شەكلى، باشتا ئالتە مىسرا بىر خىلدا قاپىيىلىنىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ تۆت مىسراسى باشقىچە قاپىيە بىلەن كەلسىمۇ، كېيىنكى ئىككى مىسراسى باشتىكى كۇپلېتقا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدۇ. ناۋايىنىڭ مۇسەددەسلىرى ئەنە شۇنداق قاپىيىلەنگەن. بەزىدە بىرىنچى كۇپلېتتىن كېيىن كېلىدىغان كۇپلېتلارنىڭ تۆت مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بېيىتىنىڭ نەقراتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن: فۇرقەتنىڭ «سەيدىڭ قويابەر سەيياد» ناملىق مەشھۇر مۇسەددىسى شۇ تەرىقىدە قاپىيىلەنگەن.
يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ خىل شېئىر شەكلىگە ۋارسلىق قىلىنغان. بىلال ئەزىزى «نېمە بولدى» ۋە «ئۆمۈر _ ئاتقان ئوق» ناملىق مۇسەددەسلەر يازغان.