UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتشېئىرىي چۆچەك

شېئىرىي چۆچەك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى چۆچەك ۋەقەلكلىرىنى تېما قىلغان داستان تۈرىدىكى ئېپىك شېئىر. شېئىرىي چۆچەكلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل ۋەقەلىك سۇژېتى بولىدۇ، تىلى ئاددىي ، ئاممىباب، پۇختا ئىشلەنگەن،تەسىرلىك بولىدۇ. مەزمۇنى قىزىقارلىق، ئۆزىگە تارتملىق بولىدۇ. ۋەزنى يەڭگىل، راۋان، خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا يېزىلىدۇ. شېئىرىي چۆچەكلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى سالمىقى خېلى زور بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇ تۈكسىلىشلەرگە ئىگە بولماقتا. قەلىمى پىشقان شائىرلارمۇ ئۆز ئىجادىنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى شېئىرى چۆچەكلەرگە ئاتىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات