مەرسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىرەر مەشھۇر كىشىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن غەم - ئەلەم ۋە ھەسرەت ئىپادىلەنگەن لىرىك شېئىر ياكى قوشاقلار. بۇ خىل مەرسىيىلەرنى رۇس ۋە ياۋرۇپا ئەدەبىياتىدائېلگېيە دەپ ئاتايدۇ.
بۇنداق لىرىك شېئىرلاردىن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» (11 - ئەسىر) ئارقىلىق بىزگىچە يۋتىپ كەلگەن ئالپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى مەرسىيىلەر، ئورخون - يېنسەي يادىكارلىقلىرىدىكى مەرسىيىلەر ھەممەيلەنگەن مەلۇم. شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەرسىيىلەر يېزىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. مەسىلەن: ناۋايى ئابدۇراخمان جامىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا مەرسىيە يازغان. ناۋايىنىڭ ۋاپاتىغا خاندەمىر، مەۋلانە ساھىپ دارالار مەرسىيەيازغانىدى. خاندەمىر ناۋايىنىڭ ۋاپاتى كۈنىدە تۆۋەندىكى مىسرالارنى پۈتكەنىدى:
ئۆلۈمدەن ھەربىر ئۆيگە تۇشتى ماتەم،
فەۋتى ئۈچۈن ھەر بىر بۇرجەكدەن چىقتى پىغان.
تېمىر بولىسە، تاش بولسە ھەم باغرى ياندى،
بۇ دەھشەتلى مۇسىبەتنى بىلگەن ھامان.
(مۇمىن زادە تەرجىمىسى)
مەرسىيە ژانىرى ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. يېڭى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى مەرسىيىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇ كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈرمەستىن، بەلكى ئۆلگەنلەرنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ، قايغۇدىن كۈچ ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مەسىلەن: جۇ ئېنلەي ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىلغان شېئىرلار بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.