ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ماركىسىزىم شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات جەريانى مۇرەككەپ، شۇنداقلا قانۇنىيەتلىك بىر جەريان. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بەزى ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى بار. بۇ ئامىللار ئىچىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەرەققىياتى - ئەدەبىيات سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي. بۇ، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىشتە ئەڭ ئاساسىي ئاچقۇچ. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخى كونىنىڭ ئورنىنى يېڭىنىڭ ئېلىش تارىخى، جەمئىيەت تەرەققىياتى زىدىيەتلەر كۈرىشىنىڭ تارىخى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ھەرىكىتى جەريانىدا، سىنىپىي كۈرەشلەر جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا راۋاجلىنىدۇ، ھەر قېتىملىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش راۋاجلىنىپ بىر يېڭى باسقۇچقا يەتكەندە ئەدەبىياتنى يېڭى ئىپادىلەش ئوبيېكتى ۋە يېڭى ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە سىنىپىي مەزمۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ھەر بىر دەۋردىكى ئەدەبىيات مەزمۇنىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى ھەر خىل ئەدەبىيات پىكىر ئېقىملىرى ۋە ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ گۈللىنىشى - زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ۋە ئالمىشىشى بىر خىل تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ راۋاجلىنىشى، ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىنكاسى. مەسىلەن ئالايلى: تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىنىپىي كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىلگىرى
- كېيىن بولۇپ ئەدەبىياتنى يېڭىلاش بويىچە بىر قاتار ھەرىكەتلەر مەيدانغا چىقتى.
ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ژانىرلىرى - ھېكايە، رومان، تىياتىر، گەرچە قەدىمكى زامانلاردىلا بىخ تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ رەسمىي شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن بولدى. كونا ئۇسلۇبتىكى نەرسىلەر يېڭى تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە يارىمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ھەجىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى، تۇرمۇش مەنزىرىلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان بىر خىل ئەدەبىيات ژانىرى ۋە شەكلى ۋۇجۇدقا كەلدى. ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات ژانىرلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشلىرىدىكى سەۋەبلەر مۇرەككەپ، ئۇ ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلاش قاتارلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئىگە. ھەر خىل ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشنى پەقەت جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى، ھەمدە مۇئەييەن دەۋردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئچىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، ئەدەبىيات، سەنئەتنىڭ ئچىكى قانۇنىيىتى مەۋجۇت، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. ئۇ كىشلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى ئۈچۈن شەرت بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيىتىمۇ بار.