بەدىئىي ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. سەنئەت ھايات ۋەقەلىرىنى، كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى، تەقى - تۇرقى، پىكىر - خىيالى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. <پەن مەنتىقىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق پىكىر قىلىش بولۇپ، بەدىئىي ئەدەبىيات ئوبرازلار ئارقىلىق پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت> (ۋ. گ. بېلىنسكى)؛ سەنئەتنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرى ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا، ھەر خىل ۋاستە (قورال) لەردىن پايدىىنىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ قورالى تىلدۇر. يازغۇچى <تىل ۋاستىسى بىلەن خاراكتېر ۋە مەنزىرىلەر يارىتىدۇ> (م. گوركى).
سەنئەت، جۈملىدىن بەدىئىي ئەدەبىيات تۇرمۇش ۋە ۋەقەلىكنىڭ ئەينەن نۇسخىسى، پاسسىپ تەسۋىرى ئەمەس. يازغۇچى تۇرمۇش ۋە ۋەقەلىككە ئاكتىپ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. تۇرمۇش ۋە ۋەقەلىكتىن پاكىتلارنى تاللايدۇ. ئۇلارنى ئۆز دۇنيا قارىشى ۋە ئېستېتىكا پرىنسىپلىرى ئاساسىدا قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىدۇ، بەدىئىي ئومۇملاشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئىلغار ئەدەبىيات مۇقەررەر ھالدا چوڭقۇر ئىجتىمائىي ۋە ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
بەدىئىي ئەدەبىيات ئۈچ ئاساسىي تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار: لىرىك ئەسەرلەر، ئېپىك ئەسەرلەر، داراماتىك ئەسەرلەردىن ئىبارەت.