UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسونېت

سونېت

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئىتالىيانچە soneto) بەند قۇرۇلۇشى مۇرەككەپ شېئىر شەكىللىرىنىڭ بىرى. بۇ شېئىر ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىتالىيىدە شەكىللەنگەن. قائىدىگە مۇۋاپىق ئون تۆت مىسرادىن تەركىب تېپىشى كېرەك. سونېتنىڭ بىرىنچى قىسمى ئىككى تۆتلۈك تېپىشى كېرەك. سونېتنىڭ بىرىنچى قىسمى ئىككى تۆتلۈك (katpeh) ؛ ئىككىنچى قىسمى ئىككى ئۈچلۈك (tepuet) ؛ تىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە سونېت بەش ياكى ئالتە ستروفالىق بولىدۇ. تۆتلۈكتىكى مىسرالار ئارىلاپ (بىرىنچى بىلەن ئۈچىنچى، ئىككىنچى بىلەن تۆتىنچى) قاپىيىلىنىدۇ؛ ئۈچلۈكلەردە بولسا، يا بىرىنچى بىلەن ئىككىنچى مىسرا قاپىيىلىنىپ، بىرىنچى ئۈچلۈك بىلەن ئىككىنچى ئۈچلۈكنىڭ ئۈچىنچى مىسراسى بىلەن ئىككىنچى ئۈچلۈكنىڭ ئىككىنچى مىسرالىرى قاپىيىلىنىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى مىسرالىرى قاپىيە بىلەن باغلىنىدۇ. ئىتالىيىدە 13 - 14 - ئەسىرلەردە دانتې، پېتىراكا؛ ئەنگلىيىدە ۋ. شېكېسپېر (16 - ئەسىر)، ۋورد سىۋورت (19 - ئەسىر)لار سونېت يازغان. 19 - ۋە 20 - ئەسىرلەردە رۇس شائىرلىرىمۇ سونېت شەكلىدىكى شېئىرلارنى يازغان. سوۋېت ئۆزبېك ئەدەبىياتىمۇ بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار بار. مەسىلەن: شېئىرىم، يەنە ئۆزەڭ ياخشىسەن، باغقا كىرسەڭ گۈللەر شەرمەندە. بىر مەن ئەمەس ھايات شەخسسەن. جانىم كەبى ياشايسەن تەندە. يۈرىكىمنىڭ دەردى - نەقشىسەن، قىلالمايمەن سېنى ھېچ كەندە. ئوت بولارمۇ، ئىشقى يوق تەندە؟! ئىشقىمسەنكى، شېئىرىم، ياخشىسەن. سەن ئارىدا كۆۋرۈك بولدۇڭ_ دە، گېينى بىلەن ئورتاق تۇتۇندىم. لېرمونتوۋدىن ياردەم ئۆتۈندىم. پۈتۈن ئۆمرۈم سېنىڭ بويىنۇڭدا سەھەردە قان تۈكۈرسەن مەيلى. مەن - مەجنۇنمەن، شېئىرىم، سەن لەيلى. (ئو. ناسىر)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
سونېت | UyghurWiki | UyghurWiki