بەھرى رەمەل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
رەمەلنىڭ مەنىسى <ئاۋۇن، كۆپ، قۇمدەك تولا> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئادەتتە كۆپ ئىشلىنىدىغان يەڭگىل بەھرى. شۇڭا بۇنىڭ خىللىرىمۇ كۆپ. شۇلاردىن ئىككى خىلىنى تونۇشتۇرىمىز.
بىرىنچى خىلى: <رەمەل مۇسەممەن سودۇر> (باشلانمىسى سەككىزلىك رەمەل). يەنى، مىسرانىڭ بىرىنچى بۆلىكى تۆت بوغۇملۇقتىن ئىككى تۇراق، ئىككىنچى بۆلىكى يەتتە بوغۇملۇقتىن (ئۈچىنچى تۇراق تۆت بوغۇم، تۆتىنچى تۇراق ئۈچ بوغۇم) بولۇپ كېلىدىغان 15 بوغۇملۇق ۋەزنى. مىسال:
ئاھ، مۇيەسسەر / بولمىدى كۆڭ / لۈمدە ئارمان / ىم مېنىڭ،
بۇ جەھەتتىن / تامدى يەرگە / ئەشكى خۇنبار / ىم مېنىڭ. (موللا بىلال)
بۇنىڭ سخېمىسى:
پائىلاتۇن - پائىلاتۇن - پائىلاتۇن - پائىلۇن.
ياكى:
پائىلاتۇن - پەئەلاتۇن - پەئەلاتۇن - پەئەلان.
رەمەلنىڭ ئىككىنچى بىر خىلى <رەمەل مۇسەممەن سالىم> (مۇكەممەل سەككىزلىك رەمەل). يەنى ھەر بىر مىسراسى سەككىز بوغۇملۇق ئىككى بۆلەكتىن (ھەر بىر بۆلىكى تۆت بوغۇملۇق ئىككى تۇراقتىن) تەركىب تاپقان 16 بوغۇملۇق بەھرى. ئۇنىڭ ھەر بىر تۇراقلىرى تولۇق سۇزۇلۇپ جاراڭلىق ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:
زىمىستان كۆر / مىگەن بۇلبۇل / باھارنىڭ قەد / رىنى بىلمەس،
جاپانى چەك / مىگەن ئاشىق / ۋاپانىڭ قەد / رىنى بىلمەس. (خەلق بېيىتى)