سۇژېت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(فرانسۇزچە syjet _ پرېدمېت، نەرسە سۆزىدىن)
ئېپىك، لىرىك ياكى دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان، ئۆزئارا باغلانغان ۋە راۋاجلىنىپ بارىدىغان تۇرمۇش ۋەقەلىكىلىرى. ۋەقەلەردە ئىپادىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا تەسىرى، كىشىلەر خاراكتېرىنىڭ تۈرلۈك خسلەتلىرىنى، ئۇلار خاراكتېرىنىڭ راۋاجلىنىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
سۇژېتتا ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان توقۇنۇشلار، قارىمۇ قارشىلىقلار ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئەكىس ئېتىدۇ. ماكىسم گوركى سۇژېتنى «ئالاقىلەر، قارىمۇ قارشىلىقلار، .......ۋە ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، ئۇ ياكى بۇ خاراكتېرنىڭ ئۆسۈش ۋە تەشكىل تېپىش تارىخى » دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.