« ئوشۇق ئادەم » لەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
19 _ ئەسىر رۇس ئەدەبىياتىدىكى ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ تىپى. ئۇلار ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دەۋرىدە ياشىغان، ئەكسىيەتچى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە يانچىلىق تۈزۈمى شارائىتىدا تىن ئالالمىغان، يۇقىرى قاتلام جامەئەسى بىلەن بۇلغىنىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ. ئەمما، خەلق ئاممىسىدىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەچكە، ئاقسۆڭەكلەر مەيدانىدىنمۇ كېچەلمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئېنىق نىشانى يوق، قايمۇقۇپ يۈرىدۇ. پۇشكىننىڭ « يېۋگېنى ئونېگىن » دىكى ئونېگىن، گرتسىننىڭ « كىم ئەيپلىك » دىكى بېلتوۋ، لېرمونتوۋنىڭ « زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى » دىكى پىچورىن، تۇرگېنېۋنىڭ « رودىن » دىكى رودىن، گونچاروۋنىڭ « ئوبلوموۋ » دىكى ئوبلوموۋ قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق « ئوشۇق ئادەم » لەردۇر.