UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتغەربىي ياۋرۇپاچىلار

غەربىي ياۋرۇپاچىلار

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىلىرىدىن 50 - يىللىرىغىچە روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىش ئۆتكۈنچى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدىيە ئېقىمى، 1836- يىلى چائادايېۋنىڭ «پەلسەپە خەت - چەكلىرى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلانغان مۇنازىرىنىڭ تۈرتكىلىكىدە 1841 - يىلى موسكىۋادا شەكىللەنگەن. ئۇلار روسىيىنىڭ غەربىي ياۋرۇپا كاپىتالىزمىنىڭ يولىدا مېڭىشىنى تەشەببۇش قىلغان. ئۇلار ئەدەبىياتتا رېئالىزم پرىنسىپلىرىنى ۋە گوگول ئىجادىيىتىنى قوغداپ تەبىئيچىلەر (ناتۇرالىستلار) نىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلانغان. غەربىي ياۋرۇپاچىلارنىڭ سۆزلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا بەلگىلىك ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا، دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ جۇش ئۇرۇشى بىلەن، غەربىي ياۋرۇپاچىلار ۋە سلاۋيانچىلارنىڭ زىددىيىتى پەسىيىپ، چېرنىشېۋسكى ۋە گىرتسىن باشچىلىقىدىكى ئىنقلابىي دېموكراتلارغا قارشى تۇردى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
غەربىي ياۋرۇپاچىلار | UyghurWiki | UyghurWiki