UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىيات تارىخى

ئەدەبىيات تارىخى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەدەبىيات تارىخى ئەدەبىي تەسىرنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇددا دىنى ئەدەبىياتىنىڭ كىرىشى ۋە بۇددا نوملىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىغا خېلى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. لۇشۈن ئەينى ۋاقىتتا، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىمىزنىڭ ئىلغار ياشلىرى <روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ بىزنىڭ ئۇستازىمىز ھەم دوستىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ساپ، ئاق كۆڭۈل روھى، ئېچىنىشلىق جان تالىشىشلىرىنى كۆرگەن ... شۇ چاغدىكى بۈيۈك روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزى بىزگە ئاپئايدىك بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىياتتىن بىر چوڭ ئىشنى، دۇنيادا ئىككى خىل ئادەم - ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچى بارلىقىنى چۈشىنىۋالدۇق> دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇ خىل ئىدىيىۋى ئىلھام ئېلىمىزنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىلغار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەدەبىي تەسىر كۆپىنچە ئوبرازلار ۋە بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. مەسىلەن: ناۋايى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى <خەمسە> نى نىزامى ۋە خىسراۋ دېھلەۋىلەرنىڭ داستانىلىرىدىن تەسىرلىنىپ ياراتقان. بۇ دېگەنلىك، يازغۇچى ئىلگىرى ئۆتكەن ئەدىبلەر نېمىنى دېگەن بولسا، نوقۇل ھالدا شۇنى دوراش دېگەنلىك ئەمەس. ناۋايى ياراتقان داستانلارنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. لۇشۇننىڭ <سەۋدايى خاتىرسى> ناملىق ئەسىرىمۇ چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ گوگول ھېكايىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن لۇشۈن چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېلىمىز يېڭى ئەدەبىياتىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىنى بېيىتقان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىيات تارىخى | UyghurWiki | UyghurWiki