لىتوتا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە litotes - ساددىلىق سۆزىدىن
مەجازى ئىبارىلەردىن بىرى، بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنى ئەتەي كىچكلىتىپ ياكى زەئىپلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش. (تفرىد - ئەرەبچە. مۆتىدىللىكتىن پەس ھالەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ.)
يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئېتېتىك غايىسىگە ئاساسەن بىرەر نەرسە، كىشى ياكى ھادىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، گەۋدىلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن، باشقا نەرسىنى ئۇنىڭ ئالدىدا كىچكلىتىپ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ناۋايى پەرھات تېشەسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى تەكىتلەش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش نىيىتىدە تاغۇ تاشلارنى كىچىكلىتىپ، يۇمشىتىپ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
قولىدا تېشە، يوق تېشەكىم گۈرز،
بولۇپ تۇپراق ئۇنىڭ زەربىدىن ئەلبۇرز.
ئۇنىڭ تېشەسى ئاللىدا قارا تاغ،
ئانىڭدەك كىم پىچاق ئاللىدا سارى ياغ.
بۇ ئۇسۇل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ جەڭنامە داستانلاردا كۆپ قوللىنىدىغان، ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدىمۇ كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.