UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبالىلار شېئىرى

بالىلار شېئىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بالىلار ئوقۇشلۇقى تۈرىدىكى شېئىر خىلى. ئۇ شېئىرىي چۆچەك، بالىرلار ناخشىلىرى، شېئىرىي مەسەل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلار شېئىرى، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە باي باش تېمىنى ئوڭاي چۈشەنگىلى ۋە قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغان بەدئىي شەكىللەر ئارقىلىق، ھەم تېيىزرەك، ھەم ئېنىق، ھەم قىزىقارلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بالىلار شېئىرىنىڭ ۋەقەلىكى، شېئىردىكى پېرسوناژ، ئىش - ھەرىكەت، مەنزىرە، مۇھىت قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. بالىلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان شېئىر ۋە قوشاقلارمۇ بالىلار شېئىرى تۈرىگە كىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات