سىكل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە koklos دائىرە، ھالقا سۆزىدىن)
چاتماشېئىر بىر قانچە ماۋزۇ ئاستىدىكى مەزمۇنداش شېئىرلارنىڭ چېتىلىپ بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىشىغا قارىتىلغان.
مەسىلەن: تۇغۇن ئالماسنىڭ «ئىنسان خىسلىتى ھەققىدە ناخشا» دېگەن سىكىلى «مېھنەت ۋە ئەقىل» ، «ۋىجدان» ، «مۇھەببەت» ، «نەپرەت» قاتارلىق بىر قانچە مەزمۇنداش شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ شېئىرلار بىر - بىرىگە باغلىنىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ ھەم كۈچەيتىپ، ئىنسانىي خىسلەت توغرىسىدىكى بىر پۈتۈن چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.