يېڭى رېئالىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيە ئەدەبىياتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئېقىم. ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاشۇ ھەرىكەتنىڭ غايىسى ۋە تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇ فاشىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ چېنىقتۇرىشىنى ئۆتكۈزگەن بىر تۈركۈم يازغۇچىلار، سەنئەتكارلارنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، دېموكراتىيە، باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە ئىدىيىۋى بايراق قىلىپ، تارىخىي چىنىلىقنى ۋە يۈزلىنىۋاتقان رېئاللىقنى سادىقلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي پروگراممىسى قىلغان.
يېڭى رېئالىزىمچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىپادىلەش ۋە چىنلىقنى يېزش ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇتۇش. بەدىئىيلىك جەھەتتە، چىنلىقلىقنى سەنئەتنىڭ جېنى دەپ قاراش.، ئەسلى ھالەتنى ھېچقانداق بويىماي، پەردازلىماق تەسۋىرلەپ، ئەسەرنىڭ «ئەينەن»لىكى ۋە «ھۈججەتلىكلىكى» نى كۈچەيتىش، شېۋە ۋە خەلق ئېغىز تىلىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، ئەسەرنىڭ چىنلىقلىقى ۋە يۇرت پۇرىقىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىتالىيىدە مونوپول كاپىتالىزم بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ، ئاتالمىش «ئىقتىسادىي مۆجىزە» مەيدانغا كەلدى. يېڭى ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۇششاق بۇرژۇئازىينى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى رېئالىزىمچىلار قوشۇنى پارچىلىنىپ، ئىجادىيىتى كۈنسايىن ئاجىزلىشىپ باردى ۋە ئاخىر ئەسلىدىكى جانلىق، جۇشقۇن، دېموكراتىك روھىدىن ئايرىلىپ، 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا پەيدىنپەي غايىپ بولدى.