UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتخەلقچىللىق

خەلقچىللىق

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تارىختىن بۇيانقى سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىگۈچى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى. خەلقچىللىق - قەدىمكى ئەدەبىيات مىراسلىرىنى ۋە ئەدەبىي مىراسلاردىكى دېموكراتىك مېغىز بىلەن فېئوداللىق شاكالنى پەرقلەندۈرۈشتە قوللىنىلىدىغان مۇھىم بىر پرىنسىپ. خەلقچىللىق دېگەن ئۇقۇمنى 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ روسىيىنىڭ ئۇلۇغ دېموكراتلىرىدىن بولغان بېلىنسكى، دوبروليوبوۋلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ خەلقچىللىقى ھۆكۈمران سىنىپلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن تەنقىد قىلىشتا، خەلقنىڭ ئىدىيە، ھېسسىيات، ئارزۇ ۋە مەنپەئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە، رېئال تۇرمۇشنى ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر تەسۋىرلەشتە ئىپادىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ خەلقچىللىقىنى چارروسىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى پاش قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، ئەدەبىياتتىكى تەنقىدىي رېئالىزم بىلەن بىرلەشتۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ چارروسىيە شارائىتىدا ئوتتۇرىغا قويغان خەلقچىللىق دېگەن ئۇقۇمى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلغار رول ئوينىغانىدى. كېيىن، لېنىن ئۆزىنىڭ ھەر قايسى مىللەت مەدەنىيىتىدە بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ مىليونلىغان، ئون مىليونلىغان ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، ئەدەبىياتتىكى خەلقچىللىق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە خەلقچىللىق نەزەرىيىسىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئىچىگە كىرگۈزگەن. خەلقچىللىق - ئىلغار يازغۇچىلار ۋە ئەسەرلەردە بولىدىغان بىر خىل ئاساسلىق خۇسۇسىيەت. ئەدەبىيات تارىخىدا ياللانما ئەدىبلەر ھۆكۈمرانلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئىلغار يازغۇچىلار خەلقنىڭ ھېسسىيات ۋە تەلەپ - ئارزۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى نامايان قىلىنغان. جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلاردىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم يازغۇچىلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەمئىيەتتىكى قاراڭغۇلۇقنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقنىڭ دەر - ئەلەملىرىنى تەسۋىرلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇ غايىسىنى ئىپادىلىگەن. بۇ خىل يازغۇچىلارنىڭ مۇنداق ئەسەرلەرنى يازالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، گەرچە ئۇلار يۇقىرى تەبىقىلەردىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن سىنىپنىڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان، ياكى شۇ دەۋردىكى سىنىپىي كۈرەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ۋە ياكى ئەينى زاماندىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ چەتكە قېقىشى، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى، زەربە بېرىشى ياكى زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇ تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، تۇرمۇش شارائىتى ئۆزگەرگەن، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى سىنىپىي قارىمۇ قارسىلىق پاكىتلىرىنى كۆرەلىگەن، ھېس قىلالىغان. شۇڭا ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىگەن. بۇ خىلدىكى يازغۇچى، شائىرلارنى خەلقچىللىق ئىدىيىسىگە ئىگە يازغۇچى، شائىرلار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: چۈي يۈەن، دۇفۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە لۇشۈن قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر مۇئەييەن خەلقچىللىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئەدىبلەر ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات