ئىپادىچىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ھازىرقى زامان بۇرژۇئا ئەدەبىيات - سەنئىتىدىكى شەكىلچىلىك ئېقىملىرىنىڭ بىرى، بىرىنچى دونيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى گېمانىيىدە مەيدانغا كەلگەن، ئۇرۇشتىن كىيىن پۈتۈن ياۋروپاغا تارقالغان.
بۇ ئېقىمنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپى سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق پەلسەپىنى ئاساس قىلىپ رېئال دونيانىڭ ئوبيېكتىپلىقنى ئىنكار قىلىش ؛ كۆز ئالدىدىكى دونيانى "مېنىڭ دۇنيايىم" دەپ تۇنۇپ ، دىققەت مەركىزىنى ئىچكى سوبيېكىتىپ دۇنياغا مەركەزلەشتۈرۈش؛ ئۆزىنى، ئۆز تەسىراتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسياتىنى ئىپادىلەش .... تىن ئىبارەت.
ئىپادىچىلەر شەكىلنى ئۆزگەرتىش، مۇبالىغە شەكلى بىلەن ھەددىن ئاشۇرۇپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە غەرەزلىك ئىپتىدائىتلاشتۇرۇش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بۇ ئېقىمىنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىدۇ. ئەدەبىياتتىكى ئىپادىچىلىك ئەسەرلىرى خىيالىي كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە رېئال تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشكە قارشى تۇرىدۇ.
ئىپادىچىلەرنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى مۇشۇ ئېقىمدىكى سەنئەتكارلارنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان كاپىتالىزم رېئاللىققا قارىتىلغان قارشىلىق بولغانىدى.
بۇ ئېقىمنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىلى بىئېن، تىياتېر ساھەسىدىكى ۋەكىلى كاۋكاۋشكا، مۇزىكا ساھەسىدىكى ۋەكىلى شۇنبېرگ ئىدى .