UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسۆكمە ھېكايىلەر

سۆكمە ھېكايىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەنزۇ كلاسسىك پروزىسىدىكى ھېكايىلەرنىڭ بىر تۈرى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇچىلىقى، سىياسىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك، ئەمەلدرلارنىڭ چىرىكلىكى ۋە پارىخورلۇقى ھەمدە ئەجنەبىلەرگە قولچىلىق قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ جاھالەت ئىلكىدىن ئويغىنىپ چىقالماسلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مەيدانغا كېلىپ راۋاجلانغان. بەزى يازغۇچىلار ئاشۇنداق تېمىلاردا ناھايىتى كۆپ ھېكايىلەر يېزىپ جەمئىيەتنىڭ ھەممە تەبىقىلىرىنى دېگۈدەك پاش قىلغان، سۆككەن. لۇشۈن « جۇڭگو ھېكايىلىرىنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات » دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئەسەرلەرگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇلارنى « سۆكمە ھېكايىلەر » دەپ ئاتالغان. بۇ ھېكايىلەر رېئاللىقنى كەڭ كۆلەمدە پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان، بۇرژۇئا رىفورمىزمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، تەنقىد ئۈزۈل _ كېسىل بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھېكايىلەردە فېئوداللىقنىڭ خاھىشلىرى ئېغىر بولغان. بەدىئىيلىك جەھەتتە، كۆپرەك ھەجۋە، مۇبالىغە، كۆپتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەمما، يىغىنچاقلاش، تىپىكلەشتۈرۈش جەھەتلەردە يېتەرلىك بولمىغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات