UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمىكرو ھېكايىلەر

مىكرو ھېكايىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھېكايىنىڭ بىر تۈرى. « بىر پەسىللىك ھېكايە »، « دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك ھېكايە »، « بىر مىنوتلۇق ھېكايە » قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتالماقتا. ئەسلى ئەنگىلىيىدە پەيدا بولۇپ 50 _ يىللاردا ياپونىيىگە تارقالغان. يازغۇچى شىڭشىن يى « ئالەم توزاڭلىرى » دېگەن ژۇرنال تەسىس قىلىپ، مەخسۇس مۇشۇ خىل ھېكايىلەرنى نەشىر قىلغان. مىكرو ھېكايىلەرنىڭ ھەجىمى كىچىك بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بىر ئۈزۈكنى، مەلۇم بىر كىچىك كۆرۈنۈشنى، ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىكى كىچىككىنە ئىشنى تۇتۇۋېلىپ، چوڭقۇر ئىدىيە، مۇھىم ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. پېرسۇناژ ئاز، ئەمما روشەن يېزىلىدۇ. پېرسۇناژنىڭ مەلۇم تەرىپى مۇكەممەل گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. كومپوزىتسىيىسى ماھىرانە تەشكىللىنىپ، سۇژېتى مۇرەككەپ قىلىۋېتىلمەيدۇ. ئاق تەسۋىر ئۇسۇلى قوللىنىپ، ئىخچام، تاۋلانغان تىل ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات