UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىنقىلابىي ئەدەبىيات

ئىنقىلابىي ئەدەبىيات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 20 - يىللاردىكى پرولېتارىيات رەھبەرلىك قىلغان، ئىنقىلابىي ئىشچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات، ئىنقىلابىي ئەدەبىيات دېگەن شوئارنى 1923 - يىلى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن دېڭ جۇڭشيا، شاۋ چۇنۇي قاتارلىق كىشىلەر ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. 1926 - يىلىغا كەلگەندە گومورو قاتارلىقلار بۇنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدى. 1928 - يىلى بۇ ھەقتە شاڭخەيدە كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرىلەر يولغا قويۇلدى. ئىنقىلابىي ئەدەبىيات دېگەن بۇ شوئار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ <سول قانات يازغۇچىلار بىرلەشمىسى> نىڭ قۇرۇلۇشىغا شەرت ھازىرلاندى.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات