يېڭى ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
<4 - ماي> يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەسىرى بىلەن مەيدانغا كەلگەن، مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتىن كونىچە ئەدەبىياتقا ئوخشىمايدىغان ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.
يېڭى ئەدەبىياتنىڭ تىلى خەلق ئاممىسىنىڭ تىلىغا ناھايىتى يېقىن بولغان بەيخۇا بولدى. رېئال تۇرمۇش ۋە كۈرەشلەرنى تەسۋىرلەپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابىي تەلەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
<4 - ماي> يېڭى ئەدەبىياتى، دەسلىپىدە ئاساسەن يەنىلا زىيالىلار قاتلىمى ئەترپىغا يېيىلىش بىلەن چەكلەنگەن، ئىشچى، دېھقانلار ئاممىسى ئىچىگە ئومۇملىشالمىغانىدى. لېكىن، يېڭى، تېتىك، جانلىق، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان مەزمۇن ۋە شەكلى بۇ ئەدەبىياتنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يېقىنلاشتۇردى.
<4 - ماي> يېڭى ئەدەبىياتىنىڭ ئاپتورلىرى، ھەممىسى دېگۈدەك چەت ئەل ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئاپتورلاردا مىللىي ئەنئەنە ۋە ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە سەل قارايدىغان، غەربنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت شەكىللىرىنى ئۆلۈك كۆچۈرۈۋالىدىغان خاھىشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.