UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبىمەنىچىلەر

بىمەنىچىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ ياۋروپا، ئامېرىكىغا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. بىمەنىچىلەرنىڭ ئەڭ بالدۇرقى، ئاڭسىز ئەمەلىيەتچىسى 18 - ئەسىردىكى يازغۇچى سەد ئىدى. ئۇ زەئىپلىككە تولغان جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان غەلىتە شەكىللىك پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. غەرب ئوبزورچىلىرى ئۇنى بىمەنىچىلەر ھېكايچىلىقىنىڭ بوۋىسى ھېسابلايدۇ. بىمەنىچىلەرنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى پىرى ئاۋسترىيە يازغۇچىسى كاۋكادۇر. بۇ بىمەنە، غارايىپ شەكىللەر بىلەن كاپىتالىزىم جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ۋە زىددىيەتلىرىنى، زىيالىيلارنىڭ زېرىكىشلىك، ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان ئىچكى دۇنياسىنى پاش قىلىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يازغان. بىمەنىچىلەرنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئالاھىدىلىكى بارلىقچىلىق (ئېكزىستېنتسىئالىزم) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار <دۇنيا> بىمەنە، <ئادەم> مۇ بىمەنە، دۇنيا بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ بىمەن دەپ قارايدۇ. ۋە <بارلىق> دېمەك <بىمەنىلىك> دېمەكتۇر دېگەن خاتا خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىمەنىچىلەر تەشكىللەنگەن، ئورتاق پروگراممىغا ئىگە ئەدەبىي تەشكىلات ئەمەس. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىر قەدەر ئېنىق ئەدەبىي كۆز قاراشلارغا ئوخشاشراق شەكىللەنگەن ئەدبىي ھادىسە بولۇپ، 1961 - يىلى ئەنگلىيە داراماتۇرگى مادىن ئېسىلىن بىمەنىچىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن <بىمەنىچىلەر> دېگەن ئاتالغۇنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان. بىمەنىچىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: يازغۇچىلار خۇداسىزلار، تەقدىرچىلىك (فاتالىزم) غا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنىڭ ھاياتىي قىممىتىگە ئىشىنىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتىي ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ؛ كىشىلىك ھاياتنىڭ بەختلىك ۋە خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، رەھىمسىز ئىجتىمائىي رېئاللىق ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. بەزىدە ئاز - تولا قارشىلىق بىلدۈرسىمۇ. بۇنداق قارشىلىقى پاسسىپ ھالەتتە بولىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ كەيپىياتىمۇ تۆۋەن، ئۈمىدسىز بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈنمۇ ئېنىقراق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ. بىمەنىچىلەر ئەدەبىياتى ھەر قايسى ئەللەر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە. بىمەنىچىلەر تىياتىرچىلىقى تېخىچە قېرىمىدى. <يېڭى ھېكايىچىلەر> مۇ بىمەنىچىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلىدىن بىر مۇنچە ئۈلگىلەرنى ئالدى. بىمەنىچىلەر بىلەن بارلىقچىلار (ئېكزىستېنتسئالىزمچىلار) گەرچە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، بەزىلەر بىمەنىچىلەرنى بارلىقچىلىققا تەۋە دەپ قارايدۇ.ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يازغۇچىلاردىن فرانسىيىلىك گاليۇر، سېلىن، بىكەيت، يونېسكو، ئاداموۋ، ئەنگلىيىلىك بىكېتلەر بار.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات