UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەتلەئ

مەتلەئ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە چىقىش جايى، باشلانما سۆزىدىن شېئىرىي ئەسەرنىڭ بىرىنچى بېيىتى، مەسىلەن: ناۋايى «مەجالىسۇن نەفائىس» دا ئاتايى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق يازغان: «تۈركىي گۈي ئەردى، ئۆز زامانىدە شېئىرىي ئەتراك (تۈركلەر _ ئاپتور) ئارىسىدا كۆپ شۆھرەت تۇتتى. بۇ مەتەل ئانىڭدۇركىم: ئول سەنەمكىم سۇ ياقىسىندا پەرىتەگ ئولتۇرۇر، غايەتى نازۇكللۈكىدىن سۇ بىلەن يۇتسا بولۇر.» بابىر «بابىرنامە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «... بۇ مەتەلنى ئوشۇل ئەييامدا ئايتىپ ئىدىم: تەكەللۇپ ھەر كېچەسۈرەت تۇتۇلسا ئاندىن ئارتۇق سەن، سېنى جان دەرلەر، ئەمما بى تەكەللۇپ جاندىن ئارتۇق سەن!»
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات