ياندىما سۆز
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىياتىر ئەسەرلىرىگە خاس ئاتالغۇ. يەنى دىئالوگ، مونولوگ، ياندىما سۆز پېرسۇناژلار پائالىيىتىنىڭ، ۋەقەلىك گارمونىيىسىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى. دراما ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجىدا ئاكتىيور بىر چەتتە تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتىگە نىسبەتەن باھا بېرىش خاراكتېرىدە ئۆزىنىڭ ئىچكى پائالىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ. بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا قارشى تەرەپكە ئاڭلاتماي دەۋاتقاندەك، ياكى بىۋاسىتە تاماشىبىنلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ سۆزلەيدۇ. مانا بۇ «ياندىما سۆز» دېيىلىدۇ.