UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئانافورا

ئانافورا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە) ئىستىلىستىك فىگۇرىلاردىن بىرى بولۇپ، مىسرالارنىڭ بېشىدا ياكى پروزا ئەسەرلىرىدە بىر خىل ئاھاڭداش سۆز ياكى ئىبارىلەرنىڭ تەكرارلىنىپ كېلىشى. مىساللار: قانلىق يىللار، قانلىق ئايلار، قانلىق ھەپتە. ئەنە شۇنداق قاقىرلاردەك تىزىلىپ ئۆتتى. قانلىق چامدام، قانىق قامچا، قانلىق نەشتەر، كۆپلىگەن ئەل ھاياتنىڭ رىشتىن ئۈزدى. (ن. بوساقۇۋ) ئانافورا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا <تەكرارلاش> مەنىسىدە قوللىنىلماقتا. بۇنىڭ نەسىرى ئەسەرلەردە كېلىشىدىن مىسال: <... ئاپا، ئاپا... جېنىم ئاپا! نەدىسەن؟ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ... مەن كەلدىم، سەن نەگە كەتتىك ئاپا؟... مېنى تاشلاپ كەتتىك ئاپا؟ ... مەن ئەمدى كىمنى ئاپا دەيمەن؟ ئاپا دېگەننىڭ ئاغزىغا قارايمۇ؟ دادا دېگەننىڭ ئاغزىغا قارايمۇ؟ ... مېنى مۇشۇنداق كۈنگە ئاتاپ تۇغقانمىدىڭ؟ مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ جېنىم ئاپا... دەپ زارلايتتى> (ت. سامساق: <ئاجايىپ> دىن). ئانافورانىڭ شېئىرىي ئەسەرلەردە مۇنداق تۈرلىرىمۇ بار. قاراپ تۇرسام <خەمىسە> نى يازغاندا، قاراپ تۇرسام قەلدەمدە گۆھەر سىزغاندا، قاراپ تۇرسام شېرىنغا گۈللەر تىزغاندا، قاراپ تۇرسام، بەھرامنىڭ قىياپىتىگە، قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە. (ل. مۇتەللىپ. <تەسراتىم>) مېنىڭكىدۇر كېلەچەك، چىمەن، مېنىڭكىدۇر مەكتەپ، ئىجاد، پەن، مېنىڭكىدۇر ساغ، ئەقىل، بەدەن، كۆڭلۈم تولۇن ئاي كەبى روشەن. بۇ مىسرالاردىكى ئانافورا (تەكرارلاش) لار ئاپتورنىڭ كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، مەركىزىي ئىدىيىنى ئېچىشتا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى كۆرۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئانافورا | UyghurWiki | UyghurWiki