ئېستېتىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە aisthesis ھېس - تۇيغۇ سۆزىدىن
ئېستېتىكا - جەمئىيەت ۋە تەبىئەتتىكى گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ھەققىدىكى پەن. ئېستېتىكا بارلىق گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ، ئېستېتىكا ھەققىدىكى قاراشلاردىن ئىككى مىڭ يىلدىن ئىلگىرىلا بار بولۇپ، دەسلەپكى ئىلمىي پىكىرلەر سوقرات (مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅤئەسىر ) ۋە پلاتون (مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅣ - Ⅴ ئەسىرلەر)قاتارلىقلار تەرىپىدىن بايان قىلىنغانىدى. ئېستېتىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن مۇستەقىل پەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ئارىستوتىل (مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅣئەسىر )تەرىپىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن Ⅷئەسىرگە قەدەر بۇ پەن مەخسۇس ئاتالغۇ بىلەن مۇقىملىشالماي كەلدى.ئۇ گاھ دىت ھەققىدىكى، گاس پوئىتېكا، گاھ گۈزەللىك ھەققىدىكى پەن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلاندى. پەقەت 1735 - يىلى نېمىس ئالىمى بائومگارتېن گۈزەللىكىنى بىلىش ھېسسىي بىلىشتىن ئىبارەتلىكىنى ئېنىقلاپ، ئېستېتىكا تېرمىننى بىرىنچى بولۇپ قوللاپ قۇۋەتلىدى. ⅩⅤⅢئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى نېمىس كلاسسىك ئېستېېكلىرى (ئىكانت. گېردېر. لىسىڭ) ئىستېتكانىڭ پەلسەپە تەركىبىدىكى مۇستەققىل پەن ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئاساسلاپ بەردى. ⅪⅩ ئەسىردە گېگىل ۋە چېرنىشېۋسكىلار ئېستېتىكا بويىچە قىممەتلىك تەتقىقاتلار قىلىشتى. ئۇلار ئېستېتىكىنىڭمۇ باشقا پەنلەرگە ئوخشاش ئۈزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بارلىقىنى ئاساسلاپ چىقتى. بۇ قاراشلار ماركسىزم - لېنىنىزم كلاسسىكلىرى تەرىپىدىن تۇلۇقلاندى، ھازىرمۇ بۇ ھەقتە تۈرلۈكچەقاراشلار مەۋجۇت.
ئومۇمەن ئېستېتىكا مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە جەمئىيەت ھەم تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدىكى رولىنى، گۈزەللىكنىڭ ئەكس ئېتىش قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ، گۈزەللىككە نىسپەتەن كىشىدە ئويغانغان ھېس - تۇيغۇ ، تەسەۋۋۇر ھەم ئۇنىڭدىن زوقلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۇبيېكتىپ جەھەتتىنمۇ ئۆگىنىدۇ، يەنە ئىنساننىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشى ۋە بۇ خۇسۇسىيەتنى تەربىيە قىلىشنىمۇ ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىمىزكى، ئېستېتىكا پەقەت سەنئەتتىكى گۈزەللىكنىلا ئۆگىنىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە سەنئەت ئېستېتىكىنىڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسىي ئوبيىكتلىرىدىن بىرى سانالسىمۇ، لېكىن ئۇ ، سەنئەتتىكى گۈزەللىكنى تەتقىق قىلىشتا تارىخ، پەلسەپە، سەنئەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەنمۇ باغلىنىدۇ.
ئېستېتىكا - سەنئەتنىڭ مۇھىم، ئومۇمىي ۋە يىتەكچى قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق سەنئەتنىڭ پەلسەپە، تارىخ، سىياسىي ئىختىساد، ئېتىكا، سوتسئولوگىيە، سىياسەتكە ئوخشاش ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بىرىدۇ. يەنى ئۇ، سەنئەتنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللىرىدىن پەرقلىق تەرەپلىرىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئېستېتىكا - سەنئەتتكى ھاياتىي مەزمۇن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇتاناسىپلىق قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، سەنئەتشۇناسلىق ئۆزىنىڭ ھەممە تەتقىقاتلىرىدا ئېستېتىكا ئېنىقلاپ بەرگەن ئومۇمىي قائىدىلەرگە تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پەن - ئەدەبىياتشۇناسلىقمۇ ئۆز تەتقىقاتىدا ئېستېتىكىغا سۆيۈنىدۇ، ھالبۇكى، ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ ئېستېتىك ۋە بەدىئىي ئەكىس ئەتتۈرۈش شەكىللىرىدىن بىرىدۇر. ئېستېتىكا بولسا، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ۋە قانۇنلىرىنى ئىشلەپ چىقىشتا، ئۆز نۆۋىتىدە سەنئەتكە، سەنئەتشۇناسلىققا تايىنىدۇ. خۇلاسە: ئېستېتىكا ماركىسچە، لېنىنچە پەيلاسوپىيىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى،ئىنساننى مەنىۋى تەرەپتىن گۈزەل قىلىپ تەربىلەشتە سەنئەتنىڭ رولى مەسىلىسىنى ئۆگەنگۈچى پەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم.