سوتسىيالىستىك رېئالىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پرولېتات ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېپيېڭى، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى، بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ سەكرەش بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدئىي تونۇشىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈدى.
سوتسىيالىستىك رېئالىزم _ رېئالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى يەنى پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى تەرەققىياتى بولۇپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە سوتسيالىستىك مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن رېئالىزمدۇر. پرولېتارىيات ۋە ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ كاپىتالىزمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، سوتسىيالىزمنى قۇرۇش يولىدىكى باتۇرانە كۈرەش پائالىيەتلىرى سوتسىيالىستىك رېئالىزمنىڭ ماددىي ئاساسى. تارىختىكى ئىلغار رېئالىزىمنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەنئەنىلىرى ئۇنىڭ تارىخىي ئاساسىدۇر. ماركىسىزم - لېنىنىزم بولسا ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىدۇر.
سوتسىيالىستىك رېئالىزم تۇرمۇشنى چوڭقۇر ۋە ھەققانىي ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل شۇنىڭ ئۈچۈن سوتسىيالىستىك ماھىيەتكە ئىگىكى، ئۇ ھاياتنى تارىخىي، كونكرېت ۋە ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش جەريانىدا يەنى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئېستېتىك غايىسى سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى كوممۇنىستىك ئىدىيىنى يادىرو قىلغان يېڭى تىپتىكى ئىجابىي قەھرىمان، يېڭىلىقنىڭ كونىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئاساسىدىكى ئىلغار ئىنقىلابىي پائالىيەتلەردە يازغۇچىدىن خىلمۇخىل بەدئىي شەكىل ۋە ئۇسلۇبلارنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
سوتسىيالىستىك رېئالىزم ماركىسىم گوركىنىڭ نامى بىلەن چىڭ باغلانغان بولۇپ، 1934 - يىلى بىرىنچى قېتىملىق سوۋېت يازغۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.