UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتباش تېما

باش تېما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ماقالىنىڭ تۇتقۇسى. ئۇ پۈتۈن ماقالىنىڭ جېنى بولۇپ، ماتېرىيال تاللاش، ماقالىنىڭ كومپوزىتسىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تىلىنى قوللىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنىدۇ، باش تېما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. باش تېما خۇددى بىر تال يىپقا ئوخشاش پۈتۈن ماقالىنىڭ ھەر قايسى تەركىبىي بۆلەكلىرىىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ بىر گەۋدىكە كەلتۈرىدۇ. باش تېمىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ماقالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ھالقا. مەيلى قايسى خىلدىكى ماقالە بولمىسۇن، ئۇنىڭدا بىرەر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە ھەل قىلىنىدۇ، ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ھەل قىلىنغان مۇشۇ مەسىلە باش تېما دېيىلىدۇ. ئاپتۇر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەيدانى، كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، دېمەك، باش تېما ۋە ئاپتورنىڭ باش تېمىغا بولغان باھاسى بىر - بىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، شۇڭا باش تېما <باش تېما ئىدىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەردە بولسا، باش تېما ئىدىيىسى <مەركىزىي ئىدىيە> دەپ ئاتىلىدۇ. بىرەر ئەسەرنىىڭ ئىدىيىۋىلىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى باھالاش ئۇنىڭ باش تېمىسىنىڭ رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىشتىن ئايرىلمايدۇ، ئادەتتە باش تېما ئەدەبىي ئەسەر مەزمۇنىنىڭ گەۋدىسى ھەم يادروسى بولۇپ، تېما ئاشۇ ئاساسىي گەۋدىنى روشەن ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەنى باش تېما ئەسەرنىڭ تېمىسى ئارقىلىق كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ، تېما بولسا باش تېمىنىڭ قوماندانلىقىدا تەشكىللىنىدۇ، باش تېمىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تاللىنىدۇ، تېما بولمىسا، باش تېمىمۇ بولمايدۇ. ماۋدۇننىڭ <باھار پىلىسى> دېگەن ئەسىرىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدا 30 - يىللاردىكى جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن. مانا بۇ ئەسەرنىڭ تېمىسىدۇر. ئەمدى ئۇ ئەسەردە مول ھوسۇلنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، يېزىلارنىڭ خانىۋەيران قىلىنغانلىقى، دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار بۇ ئەسەرنىڭ باش تېمىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ باش تېما لاۋتۇڭباۋ ئارقىلىق پېرسوناژلار ئوبرازى بىلەن گەۋدىلەنگەن. ئابدۇرەھىم نىزارى يازغان <رابىئە - سەئدىن> داستانىنىڭ تېمىسى رابىئە بىلەن سەئىدىننىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ئارقىلىق جاھالەتلىك فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمدى بۇ ئەسەردە فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ ۋەھشىلىكىنى رابىئە - سەئىدىندەك ئازادلىق، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىنى پاش قىلىش بىلەن دېموكراتىك ئىدىيە گەۋدىلىنىدۇ، مانا بۇ داستاندىكى باش تېمىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات