UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېڭى شېئىر

يېڭى شېئىر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەنزۇ شېئىرىيىتىدە كلاسسىك، ئەنئەنىۋى، قېلىپلاشقان شېئىرلاردىن پەرقلىنىدىغان، «4 - ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان شېئىرلار «يېڭى شېئىر» دەپ ئاتالماقتا. بۇ ئاتالغۇ نوقۇل شېئىرنىڭ دەۋرىيىلىكى ۋە شەكلىگىلا قارىتىپ قوللىنىلغان بولماستىن (گەرچە بۇ تەرەپلىرىمۇ مۇھىم، ئەلۋەتتە.) بەلكى، شائىرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىگىمۇ، شېئىرنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتىگىمۇ قارىتىلغان. بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدە «يېڭى شېئىر» ئاتالغۇسى ئەنئەنىۋى شېئىر شەكىلدىن پەرقلىنىش ئۈچۈنلا قوللىنىلىۋاتىدۇ. رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە شەكىل مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىسى بولسىمۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. قانداق شەكىل قوللىنىپ يېزىش شائىرنىڭ ئىقتىدارىغا، ئۇسلۇبىغا تەۋە ئىش.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
يېڭى شېئىر | UyghurWiki | UyghurWiki